شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىغا بىر جىسىم چۈشۈپ پارتلاش يۈز بەردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لەفكوشا بىلەن گىنە ئارىسىدىكى تاشكەنت يېزىسى ئەتراپىغا بىر جىسىم چۈشكەندىن كېيىن پارتلاش يۈز بەردى ۋە ئەتراپقا ئوت كەتتى.

1227712
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىغا بىر جىسىم چۈشۈپ پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشكەنت يېزىسىغا بىر جىسىم چۈشۈپ پارتلاپ كەتتى. خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئوت كەتكەن جايغا ھېچكىشىنى يېقىنلاشتۇرمىدى. بىراق، ئەتراپتا ئوت يالقۇنلىرى كۆتۈرۈلدى. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قۇدرەت ئۆزەرساي تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن، ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ: «دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى پارتلاشقا سەۋەب بولغان جىسىمنىڭ، يا پارتلىغۇچى ماددا بار ھاۋا ئاپپاراتى يا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. جىسىم پارچىلىرى ئۈستىدىكى خەتلەر ۋە باشقا يىپ ئۇچلىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جىسىمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ» دېدى.

ئۇ ۋەقەدە ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئوتنى كونترول ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈشلەردە بىر ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ موتور پارچىلىرى بايقالدى. پارچىلار ئۈستىدىكى رۇسچە خەتلەر دىققەت قوزغىدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى، تۈركىيەنىڭ لەفكوشادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى مۇراتباشچەرى ۋە خەۋپسىزلىك قىسىم قوماندانى تەۋپىق ئالگان قاتارلىقلارمۇ نەق مەيداننى تەكشۈردى.

جۇمھۇر رەئىس مۇستافا ئاكىنجى: «رايوندىكى ئۇرۇشنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە چۈشكەن يامان نېئمەتلىرىدىن بىرى. دەسلەپكى بايقاش سۈپىتىدە بۇنى دېيەلەيمىز» دېدى.

ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈشلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر