ئەلىيېۋ: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئۆتكەن يىلقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

1167297
ئەلىيېۋ: ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىلھام ئەلىيېۋ نورۇز بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقكە خىتاب قىلىپ، ئىسلاھاتلارنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن ھالدا، «ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلار قوشۇمچە كىرىم يارىتىشىمىزغا ۋە خامچوت كىرىملىرىمىزنى ئاشۇرۇشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. خامچوت كىرىملىرى بۇ يىل يانۋار – فېۋرال ئايلىرىدا 150 مىليون مانات ئاشتى. بۇ كىرىملەرنى ئىجتىمائىي لايىھەلەرگە سەرپ قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەزەربەيجان قولغا كەلتۈرگەن ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئىلگىرىلەشلەرنى تىلغا ئالغان ئەلىيېۋ، «ئىسلاھاتلار چوڭقۇرلىشىدۇ. ئىسلاھاتنىڭ ئورنىنى باسىدىغان نەرسە يوق. سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي، ئەدلىيە، قانۇن، مائارىپ ۋە سەھىيەگە ئوخشاش ساھەلەردە يېڭى ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. مۇناسىۋەتلىك يوليورۇقلار چۈشۈرۈلدى، ئىسلاھات پىلانلىرىنى تۈزىۋاتىمىز.» دېدى.

ئەزەربەيجاننىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەلىيېۋ، «ئەزەربەيجان يېڭىلىۋاتىدۇ، كۈچىيىۋاتىدۇ ۋە زامانىۋىلىشىۋاتىدۇ. يىلتىزى چوڭقۇر مىللىي ۋە مەنىۋى ئاساسلار ئۈستىگە كۈچلۈك بىر دۆلەت قۇردۇق. ئەزەربەيجان تارىخىدا ھېچقاچان بۇنداق كۈچلۈك بولۇپ باقمىغانىدى، بىراق، بۇ مۇشۇ ئۇتۇقلىرىمىز بىلەن كۇپايىلىنىمىز دېگەنلىك بولمايدۇ. ئۇتۇقلىرىمىز بىزنى كېلەچەككە تېخىمۇ ئۈمىدۋار قاراشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە. بۇ يىلنىمۇ ئۈنۈملۈك ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. ئەزەربەيجان بۇنىڭدىن كېيىن پەقەت تەرەققىيات يولىنىلا بويلايدۇ، پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي باياشاتلىقى يىلسېرى ياخشى بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر