خوجالى قەتلىئامى بىشكەكتە خاتىرىلەندى

خوجالى قەتلىئامىدا قۇربان بولغانلار قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە خاتىرىلەندى.

1150892
خوجالى قەتلىئامى بىشكەكتە خاتىرىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھىدايەت ئورۇجوۋ ئەرمېنىيەنىڭ 27 يىل بۇرۇن، يەنى 1992-يىل 26-فېۋرال ئەزەربەيجاننىڭ خوجالى شەھىرىدە ياشايدىغان خەلقنى قىرغىن قىلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتتى.

خوجالى شەھىرىدە ئۇ كېچە يۈز بەرگەنلەرنى بايان قىلغان ئورۇجوۋ: «ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن خوجالى شەھىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ، چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش دېمەي قىرغىن قىلىشقا باشلىدى. جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاغلارغا قاراپ قاچقان كىچىك بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلار ئەرمېنىيەنىڭ جىنايەت شايكىلىرى تەرىپىدىن ئوققا تۇتۇلدى» دېدى.

ئۇ خوجالىدىكى قىرغىندىن كېيىن، ئەزەربەيجاننىڭ %20 زېمىنىنى ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئەزەربەيجاندا يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان خوجالى خەلقىنىڭ ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن، قاراباغقا مۇناسىۋەتلىك ئادىل قارارنىڭ چىقىرىشىنى، ئەرمېنىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشىنى ۋە ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ خوجالىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇمايدىغانلىقلىرىنى ۋە ئۇنتۇغۇزمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ: «بىز ئىشىنىمىزكى، شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى بۇ بالايى-ئاپەتكە سەۋەب بولغان كاتتىباشلار جازاسىنى تارتىدۇ. چوقۇم ئۇ كۈن كېلىپ، ئادالەت ئۆزىنىڭ جايىنى تاپىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى قايتىدىن ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى.

ئەرمېنىيە قىسىملىرى 1992-يىل 25-فېۋرالنى 26-فېۋرالغا باغلىغان كېچە خوجالىغا قوراللىق باستۇرۇپ كىرىپ، 106 ئايال ۋە 83 كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 613 ئەزەربەيجان پۇقراسىنى قەتل قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر