خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەم ب د ت غا، ھەم خىتايغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

چاقىرىقتا خىتاينىڭ ب د ت كۆزىتىش ھەيئىتىگە رايوندا «مۇستەقىل، چەكلىمىسىز ۋە تەكشۈرۈشسىز» كۆزىتىش رۇخسىتى بېرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

1143278
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەم ب د ت غا، ھەم خىتايغا چاقىرىق ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە بەزى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا، 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى رايونغا دەرھال كۆزىتىش ھەيئىتى ئەۋەتىشى كېرەكلىكى ھەققىدە تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى «HRW»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ۋە رايون خاراكتېرلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىمزالانغان ئورتاق دوكلاتتا، مۇسۇلمان ئۇيغۇر تۈركلىرى دۈچ كەلگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە چاقىرىق ئېلان قىلىندى.

دوكلاتتا كشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ مەسىلىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە كىيىنكى مۇناسىۋەتلىك ئولتۇرۇشتا يىغىۋېلىش لاگىرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن رايونغا كۆزەتكۈچى ھەيئەت ئەۋەتىش چاقىرىقىدا بولۇش بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ بۇ ھەيئەتكە رايوندا مۇستەقىل، چەكلىمىسىز ۋە تەكشۈرۈشسىز كۆزۈتىش رۇخسىتى بېرىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

دوكلاتتا خىتايغا چاقىرىق قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىمۇ ئەزا بولغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى مەسئۇلىيەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىملىقى جىكىلەندى. 

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھامى ئاقسوي، ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىگە يۈگۈزىۋاتقان سىستېمىلىق ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ نۇمۇس مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى تاقىۋېتىشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى.

ھامى ئاقسوي باياناتىدا، «تۈركىيە خەلقىنىڭ بۇ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە كۆرسىتىۋاتقان نارازىلىقلىرىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبارغا ئېلىنىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا پالاتاسىدىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان بىر قانۇن تەكلىپىدە، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرى سەۋەبىدىن خىتايغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش كېرەكلىكى تەلەب قىلىنماقتا. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر