جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجانغا كەتتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرلۈك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن «جان» ناملىق مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يۈرۈپ كەتتى.
1050000
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمى دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدىن مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىن ۋە بەزى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر ئۇزىتىپ قويدى.
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاقارمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە باكۇغا يۈرۈپ كەتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.