تۈركىيە - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى

قېرىنداشلىق رىشتىسى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق نۇقتىسىدىن تۈركىيە - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى.

1044946
تۈركىيە - ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 1992 – يىلى 14 – يانۋار كۈنى ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش توغرۇلۇق كېلىشىم  ئىمزالانغىنىغا 26 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى ۋە بۇ مۇناسىۋەتنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 1991 – يىلى 30 – ئاۋغۇست كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنى 1991 – يىلى 9 – نويابىر كۈنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى.

تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 1992 – يىلى 14 – يانۋار كۈنى ئورنىتىلدى. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە 2010 – يىلى جۇمھۇر رەئىسلىك سەۋىيەسىدە ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى مىخانىزمى ئورنىتىلدى. ئەزەربەيجان بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان تۈركىيە – ئەزەربەيجان – گىرۇزىيە، تۈركىيە – ئەزەربەيجان – ئىران ۋە تۈركىيە – ئەزەربەيجان – تۈركمەنىستان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنلىرى، رايونلۇق مۇقىملىق، تىنچلىق ۋە پاراۋانلىققا ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتقان مۇھىم مىخانىزملاردۇر.

«ھازار دېڭىزى» دىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى دۇنيا بازارلىرىغا سېلىش نىشان قىلىنغان «باكۇ – تىفلىس – جەيھان خام نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى» ۋە «باكۇ – تىفلىس – ئەرزۇرۇم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى» لايىھەلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىقتىن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىققا ئېلىپ بارىدىغان يولدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 5 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ نىشانى، 2023 – يىلىغا بارغاندا سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشتۇر.

ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئەزەربەيجان – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى خەلقئارا سەھنىلەردىمۇ ئىزچىل داۋاملاشماقتا.

ھەر ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، ياۋروپا كېڭىشى، قارادېڭىز ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، تۈرك كېڭىشى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرمەكتە.

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىق دائىرىسىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ قوراللىق قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئوخشىمىغان مەزگىللەردە ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2017 – يىلى ماي ئېيىنىڭ باشلىرىدا باكۇ ئەتراپىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغان ھەربىي مانىۋېرغا مىڭ ئەسكەر، 80 تانكا ۋە بىرونىۋىك، 60 توپ ۋە  شراپنېل ئاتىدىغان زەمبىرەك، «12 Mi-35» ۋە « Mi-17 » تىپلىق ھۇجۇمچى ۋە تىرانسپورت تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرى قاتناشتى.

ھەربىي مانىۋېر 5 – مايغىچە داۋاملاشتى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئاخىرلاشتى.

ئەزەربەيجاننىڭ تۈركىيەگە ئوخشاشلا تۈركلەرنىڭ ئوغۇز قەبىلىسىدىن بولۇشى، تارىخىي باسقۇچ ئىچىدە بىرلىكتە ئوخشاش زېمىنلاردا ياشاش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن قېرىنداشلىق رىشتىسى ۋە جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن تېخىمۇ قويۇق دىيالوگ ئورنىتىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرمەكتە.

تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى كۆپ يۆنىلىشلىك ۋە ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەدە. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن ۋە سىمۋول خاراكتېرلىك مۇھىم ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن ئالدى بىلەن زىيارەتتە بولۇش ئەنئەنىسى مەۋجۇدتتۇر.

تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى رايوندا مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلىدۇ. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارىتا تەھدىت شەكىللەندۈرمەيدۇ.

تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى «ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق» ئاتالغۇسىغا دەل ئۇيغۇن كېلىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 26 يىلدەك قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كۈچىيىشى، مەڭگۈ يىمىرىلمەس قېرىنداشلىق رىشتىسىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.

تۈركىيە «قاراباغ مەسىلىسى» نىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدە، تىنچ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

بۇ دائىرىدە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىزچىل پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا، بولۇپمۇ ئالاقە لىنىيەسىدە ۋە ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىدا يۈز بېرىۋاتقان قاتتىق توقۇنۇشلار ۋە ئۆلۈم ھادىسىلىرىدىن كېيىنلا ئەندىشىلىرى ھەم دەرھال مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىشقا قارىتا چاقىرىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.

تولىمۇ ئەپسۇسكى، مىنىسك گۇرۇپپىسىنىڭ ئۈچ ئەزاسى بۇ نۇقتىدا ئىجابىي قەدەم تاشلىماي، ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمەكتە. بۇ مەسىلە توغرۇلۇق خەلقئارالىق قارارلار چىقىرىلغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ باسقۇچنىڭ بۇنداق ئالداش خاراكتېرلىك تاكتىكىلار نەتىجىسىدە ئۇزىراپ كېتىشى تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشتۇر.

قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، «<ئۈستۈن> قاراباغ مەسىلىسى» نىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى دائىرىسىدە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە ئەزەربەيجاننى داۋاملىق قوللايدۇ.

ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئېنېرگىيە مەسىلىسىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك بىر لايىھەگە ئايلانغان «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى» گە قارىتا قەدەملەر تېزلىك بىلەن تاشلانماقتا. «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى» نىڭ تامامەن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە، ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورنى ۋە رايوننىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى تېخىمۇ زورىيىدۇ.

1921 – يىلى 14 – ئۆكتەبىر كۈنى ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرە ۋەكىلى ئىبراھىم ئابىلوۋ دۆلەت خېتى سۇنغان يىغىندا، مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ «ئەزەربەيجاننىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭمۇ خۇشاللىقىمىز، غەم – قايغۇسى بىزنىڭمۇ غەم – قايغۇمىزدۇر» تەرىقىسىدىكى سۆزلىرىگە قارىتا، ئارىدىن قانچە ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن ھەيدەر ئەلىيېۋ تەرىپىدىن «بىز بىر مىللەت، ئىككى دۆلەتمىز» تەرىقىسىدە ئىنكاس قايتۇرۇلغان.

نۆۋەتتە تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى «ترانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى لايىھەسى»، «باكۇ – تىفلىس – قارس تۆمۈر يولى» ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان لايىھەلەر ئارقىلىق يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتمەكتە. بۇ ھەقتە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي ئىرادىسى قەتئىي بولۇپ، بۇ نۇقتىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋغا ئوخشىغان كۈچلۈك رەھبەرلەر ھەر ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن تېپىلغۇسىز بەختتۇر.

تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى پەۋقۇلئاددە سەۋىيەدە ئىزچىل داۋاملاشقان تەقدىردە، ھەر ئىككى دۆلەت ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتەلەيدىغاندەك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر