ئۆزبېكىستاندا توك ئاپتوموبىللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ

ئۆزبېكىستاندا چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توك ئاپتوموبىللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ.

1005040
ئۆزبېكىستاندا توك ئاپتوموبىللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ «تاشقى ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ۋە تاموژنا بېجى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش» كە ئالاقىدار قارارنامىنى ئىمزالىدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئۆزبېكىستاندا 2019 – يىلى 1 – يانۋاردىن باشلاپ چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توك ئاپتوموبىللىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاينىڭ Chagan  شىركىتى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن زاماندا دۆلەتتە توك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش مەسىلىسىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر