تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ سەھىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەپ بەردى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى ئەزەربەيجانلىق سەھىيە خادىملىرىنى بوۋاق ۋە ئانا ئۆلۈملىرىنى ئازايتىش جەھەتتىن تەربيەلەپ بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى، خەلقئارا دوختۇرلار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىقىدا 2014 –يىلدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ئەزەربەيجانلىق بوۋاقلار ۋە ئانىلارنىڭ ئۆلۈملىرىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىش پىروگراممىسى» دائىرىسىدە ئەزەربەيجان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىلمىي تەتقىقات تۇغۇت ۋە ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلمىي ئىنىستىتۇتى بىلەن جۇمھۇرىيەت تۇغدۇرۇش مەركىزىدىكى سەھىيە خادىملىرى بوۋاق ۋە ئانا ئۆلۈملىرىنى ئازايتىش بويىچە تەربىيەلەپ بېرىلگەن.
ئەزەربەيجانلىق پىدائىي دوختۇرلار بىلەن خەلقئارالىق دوختۇرلار بىرلىكى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئۇدا بىر ھەپتە داۋاملاشقان كۇرسلىرىدا نەزەرىۋىيى ۋە ئەمەلىي مەلۇماتلارنى ئىلھام ئەلىيېۋ دەرسلەر ئۆتۈلگەن ھەمدە 71 كۇرسانتقا ئىسپات قەغىزى بېرىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئەزەربەيجانلىق ۋە تۈرك دوختۇرلار ئاچقان كۇرسلاردىن ھازىرغىچە 700 دىن ئارتۇق سەھىيە خادىمى بەھرىمەن بولغان.