تۈركمەن قارارگاھىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالتۇنكۆۋرۈك يېزىسىغا جايلاشقان تۈركمەن ئالدىنقى سېپى قارارگاھىغا پەشمەرگە تەرىپىدىن ئوت قويۇپ بېرىلدى.

830408
تۈركمەن قارارگاھىغا ئوت قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەشمەرگەلەر قارارگاھقا ئوت قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىمۇ تۇتۇپ كەتتى.

ئىراق تۈركمەن ئالدىنقى سېپى كەركۈك تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد سەمان ئاغائوغلۇ ئىراق ھۆكۈمىتىنى رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر