ئىرشاد سالىھى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ئىراق تۈركمەن فېرونتى باشلىقى ئىرشاد سالىھى، سۈرىيە ۋە ئىراقتا ئەڭ كۆپ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلارنىڭ تۈركمەنلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

808016
ئىرشاد سالىھى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق تۈركمەن فېرونتى باشلىقى ئىرشاد سالىھى ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزمەچى بولغان مۇستەقىللىق سايلىمىنىڭ كېچىكتۈرۈلىشى ئەمەس، بەلكى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىرشاد سالىھى بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى مۇستافا دەستەجى بىلەن ئەنقەرەدە چاقىرغان قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى ھەققىدە توختالدى.

ئىرشاد سالىھى: «بۇ سايلامنى تۈركمەنلەردىن ۋە ئىراق ھۆكۈمىتىدىنمۇ بۇرۇن، كورد خەلقىنىڭ ئۆزلىرى رەت قىلماقتا. چۈنكى بۇ قارارنىڭ زىيىنىغا ھەممەيلەن تەڭ دۇچار بولىدۇ» دېدى. شىمالىي ئىراق رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان يىرىكچىلىكلەرنىڭ سۈرىيەدىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ رايونلاردا ھەممىدىن بەك تۈركمەنلەرنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىرشاد سالىھى ئىراق بۆلۈنگەن تەقدىردە سۈرىيەدىكى تۈركمەنلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنىڭ ئىراقتىكى تۈركمەنلەرنىڭمۇ بېشىغا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى بۇزۇلىدىغانلا بولسا، قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىرشاد سالىھى، سايلام قارارى ئىجرا قىلىنغان تەقدىردە، كورد رەھبەرلەرنىڭ قول ئىلكىدىكىلەردىنمۇ ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىرشاد سالىھى: «كورد رەھبەرلەر تۈركمەنلەرنى ئاجىز كۆرۈپ، خالىغىنىنى قىلالايمىز دەپ خىيال قىلىشماقتا. ئەمما تۈرك دۇنياسىنى ۋە تۈركمەنلەرنىڭ ئىرادىسىنى سەل چاغلىماقتا» دېدى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى مۇستافا دەستەجىمۇ سۆزىدە، «تۈركمەن رايونىدىكى تۈركمەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىزگە نىسبەتەن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان زور ئەھمىيىتى بار. چۈنكى بىز نېمە بولساق، ئۇلارمۇ شۇدۇر. ئەنقەرەدە ياشايدىغان تۈركلەر قانداق بولسا، كەركۈكتە، تەلافەردە ۋە تۇزھۇرماتۇدا ياشايدىغان تۈركلەرمۇ شۇنداقتۇر. ئوتتۇرىمىزدا ھې قانداق پەرق يوقتۇر» دېدى. 

مۇستافا دەستەجى، ئىراقنىڭ شىمالىدا يۈزلىگەن يىللاردىن بۇيان ئەرەب، كورد ۋە تۈركمەنلەرنىڭ قېرىنداشلارچە بىرلىكتە ياشىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «يېقىنقى مەزگىلدىن بۇيان ئېمپېرىيالىست كۈچلەر، سىيونىستلارنىڭ ئۇيۇنلىرى بىلەن ئۇ رايوننى گويا قان كۆلىگە ئايلاندۈردى. ئىنسانلارنىڭ ئىرقىي، مەزھەبىي ئوخشاشماسلىقىلىرىنى كولاپ، قاشلاپ يۈرۈپ، ئۆزئارا ئۇرۇشقا سالماقتا. ئۇلارمۇ بىر – بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىر – بىرىنى يۈرت – ماكانلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىشماقتا» دېدى.

مۇستافا دەستەجى، بارزانىنىڭ مۇستەقىللىقنى خەلقنىڭ رايىغا سۇنۇش قارارىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە دائىر باياناتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «دۆلىتىمىز ۋە مىللىتىمىز بۇ جەھەتتە قەتئىي ئىرادىگە ئىگە. ئىراقنىڭ شىمالىدا مۇستەقىللىق سايلىمىنىڭ قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى، بۇنىڭ بەدىلىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرى بولىدىغانلىقى ھەققىدە دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى. بىزمۇ بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ جەھەتتە قەتئىي مەيدانىمىزنى ئىپادىلىدۇق» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر