ئەرمېنىيە چېگرا رايوندا ئەزەربەيجان زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە ئولتۇراق رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

734375
ئەرمېنىيە چېگرا رايوندا ئەزەربەيجان زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش لىنىيەسىنىڭ ئاغدام رايونىدا ئەزەربەيجان نۇقتىلىرى ۋە پۇقراۋى ئولتۇراق رايونلىرىغا ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

ئەزەربەيجان ئارمىيەسى خەلقئارالىق ئۆزىنى قوغداش قانۇنى دائىرىسىدە ئەرمېنىيە تەرەپكە جاۋاب قايتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر