گەبزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوسمان باتۇر خاتىرىلەندى

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئوسمان باتۇر ۋە ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قىلغان كۈرىشى ھەققىدە ئىلمىي لېكسىيە بەردى.

722474
گەبزە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوسمان باتۇر خاتىرىلەندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ كوجائەلى ۋىلايىتىگە قاراشلىق گەبزە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تارىخى ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن چاقىرىلغان «تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال كۈرىشى ۋە ئوسمان باتۇر» ناملىق يىغىنغا، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىئولوگىيە تەتقىقات ئىنىستىتۇتى تۈرك تارىخى فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

ئۆمەر قۇل ئەپەندى خەلق قەھرىمانى ئوسمان باتۇر ھەققىدە سۆزلىگەن لېكسىيەسىدە، ئوسمان باتۇرنىڭ ئەسلى ئىسمىنىڭ «ئوسمان ئىسلامئوغلى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاي ۋە رۇس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرەشتە خەلق تەرىپىدىن ئۇنىڭغا <باتۇر> دېگەن ئۇنۋان بېرىلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن  كېيىن ئۇيغۇر دىيارىدا <ئوسمان باتۇر> دەپ ئاتىلىپ، پۈتۈن  خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە» دېدى.

ئۆمەر قۇل ئەپەندى ئوسمان باتۇرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قىلغان ئازادلىق كۈرىشىنى، ئىلمىي، ئەتراپلىق بايان قىلغاندىن باشقا يەنە، خىتاينىڭ ھازىرقى ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىدا ئىجرا قىلىۋاتقان مىسلىسىز دىنىي بېسىملىرىنى چۈشەندۈردى. 

ئۇنىڭ لېكسىيەسى زور قىزىقىش قوزغىدى. ئوقۇغۇچىلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تارىخىي ھەققىدە بەس-بەستە سوئال سورىدى. 

يىغىن ئاخىرىدا، گەبزە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك تارىخى ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ گۈرسەل دوتسېنت دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندىنى تەقدىرنامە بىلەن مۇكاپاتلىدى.

دوتسېنت دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى «قانۇنىي سۇلتان سۇلايماننىڭ1-قېتىم ۋىيېننانى قورشاۋغا ئېلىشى»، «شۇ پونتۇسنىڭ سۆزلىرى»، «ئەسىر شەرقىي تۈكىستان ئۈچۈن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ كۈرەش خاتىرىسى (2 قىسىم)»، «باتۇرلار؛ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي كۈرىشى» ۋە «10 يىلغا سىغدۇرۇلغان بىر ئۆمۈر؛ ئوسمان باتۇرخان» ناملىق ئەسەرلىرى بىلەن تۈركىيەدە تونۇلغان تەتقىقاتچىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر