ئەزەربەيجان كەڭ كۆلەملىك مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ ماقۇللىغان پىلان دائىرىسىدە 16 – ئاپرېلدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە ئىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 30 مىڭ ئەسكەر، 250 تىن ئارتۇق تانكا ۋە بىرونېۋىك، تەخمىنەن 200 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە توپ، 25 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان، يېڭى ئەۋلاد رازۋېتكا ئايروپىلانلىرى ۋە ھاۋا ئاپپاراتلىرى قاتناشقان مانېۋىر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.
ئۆزبېكىستان بىلەن ۋېنگىرىيە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرىدۇ
ئۆزبېكىستاندا ۋېنگىرىيە ۋە ياۋروپا شىركەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە ئەركىن ئىقتىسادىي رايون قۇرۇلىدۇ.