شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ھېزىممۇ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان

بۈگۈن (17-ئاپرېل) سۇمرۇغ تېلېۋىزىيەسىنىڭ تور بېتىدە «شىنجاڭ گېزىتى» نى مەنبە قىلىپ، تارقاتقان بىر خەۋىرىدە، مائارىپ نازارىتى نازىرىنىڭ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

714776
شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ھېزىممۇ ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆتكەنكى كۈنلەردە كېرىيە جاي يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى، مىللەتلەر ئىتتتىپاقى نەمۇنىچىسى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن «ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت» ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايوندا مىللىي كادىرلار نىڭ بەس-بەستە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشى باشلانغان ئىدى. جۈملىدىن قەشقەر ۋالىيسى، خوتەن ۋالىيسى، ئاقسۇ ۋالىيسى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ باشلىقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى نازىر دەرىجىلىك مىللىي كادىرلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن «كومپارتىيەگە سادىق بولۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش» نى تەكىتلەپ، ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان.

بۇ قېتىم شىنجاڭ مائارىپ نازارىتىنىڭ نازىرى پەرھات ھېزىم بەزى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا بويسۇنماي، ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئوچۇق خېتىدە، «شىنجاڭ مائارىپ سىستېمىسى يېتىشتۈرگەن بىر ئاز سانلىق مىللەت كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مائارىپ ساھەسىنىڭ بۆلگۈنچىلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى بازىسى ئىكەنلىكىنى، <ئۈچ خىل كۈچ> لەر بىلەن بىزنىڭ كۈرەش بازىمىز ئىكەنلىكىنى، كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە كۈچلۈك ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلىدىغان بازا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم» دېگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە، ناھىيە، ۋىلايەت، نازىر دەرىجىلىك ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشقا تەشكىللەش، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگىمۇ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە خوتەندىكى بىر قىسىم ئەدىپلەرمۇ ئورتاق ئىمزا قويۇپ، «ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش» توغرىسىدا ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر