7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلىدى

7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر دوكتور-ماگېستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن ئىستانبۇلدا باشلىدى.

675433
7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلىدى

7-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر دوكتور-ماگېستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرستېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا رەسمىي باشلىدى.

بۇ قېتىملىق ئانا تىل ۋە دوكتور-ماگېستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا، ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ساھىبخانلىق قىلغان بولۇپ، يىغىن بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن ھالدا بىر كۈن داۋاملىشىدۇ.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، بۇ قېتىمقى ئانا تىل تەتقىقاتى ۋە ئۇيغۇر دوكتور-ماگېستىر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېچىلغانلىقىنى ۋە  ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۆۋەتتىكى ئەھۋالى، شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىختا باشتىن كەچۈرگەن باسقۇچىلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندىنىڭ سۆزى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاناتىل تەشەببۇسچىسى ۋە پائالىيەتچىسى زىيالىي ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندى ئىلمىي لېكسىيەسىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئۇ لېكسىيەسىدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئەھمىيىتى، تەدبىق قىلىش ئۇسۇللىرى، زۆرۈرىيىتى ۋە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىقلار توغرولۇق كۆز-قاراشلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا چۈشەندۈردى.

زىيالىي ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ لېكسىيەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ.

يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى قىسمىدا، ئۇيغۇر دوكتور-ماگېستىر ئوقۇغۇچىلار «تۈركىيە ۋە چىننىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى»، «ئىسىرائىلىيە چىن مۇناسىۋىتى» ۋە «تارىختا چىن خانىدانلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى نېمىلەرنى ئېلىپ قايتتى؟»  دېگەن تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر