قازاقىستاندىكى سۈرىيە كىرىزىسى يىغىنى بىر كۈن كېچىكتۈرۈلدى

سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ھەيئىتى ئاستانەگە يېتىپ كېلەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈش قارارى ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

672665
قازاقىستاندىكى سۈرىيە كىرىزىسى يىغىنى بىر كۈن كېچىكتۈرۈلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە بۈگۈن باشلىنىشى پىلانغان سۈرىيە كىرىزىسى يىغىنىڭ 2 – نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشلىرى ئەتىگە، يەنى پەيشەنبە كۈنىگە كېچىكتۈرۈلدى.

قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى قاتنىشىدىغان ئۇچرىشىشلارنىڭ بىر كۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ھەيئىتى قازاقىستانغا يېتىپ كېلەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈش قارارى ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

سۈرىيەدە 6 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن كاپالەتچى دۆلەتلەردىن تۈركىيە ۋە رۇسىيەنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئاستانەدە باشلانغان شۇنداقلا ئۇرۇش توختىتىشنى ۋە جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق مۇزاكىرىلىرىگە زېمىن ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان ئۇچرىشىشلارنىڭ 1 – نۆۋەتلىكى 23 – ۋە 24 – يانۋاردا ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر