قازاقىستان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى يېڭى ۋەزىپىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، دۆلىتىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ۋاقىتلىق ئەزا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات بەردى.

648970
قازاقىستان ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى يېڭى ۋەزىپىسى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، دۆلىتىنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2017 – 2018 – يىللىق ۋاقىتلىق ئەزالىقى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، قازاقىستاننىڭ پۈتكۈل ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئوچۇق – ئاشكارا، ئوبيېكتىپ، مۇۋازىنەتلىك، ئىجابىي ھەمكارلىق ئورناتقان ئاساستا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىيۇ يوركتا چاقىرىلغان «توقۇنۇشلارنىڭ توختىتىلىشى ۋە تىنچلىقنى مۇھاپىزەت قىلىش» ناملىق يىغىنىدا پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋنىڭ قازاقىستاننىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى يېڭى ۋەزىپىسىگە دائىر تېلېگراممىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كايرات ئاندراخمانوف ئوقۇپ ئۆتتى.

نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ تېلېگراممىسىدا، قازاقىستاننىڭ يادروسىز بىر دۇنيانىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە دۇنياۋى ئۇرۇش تەھدىتلىرىنىڭ ئالدىنىڭ ئېلىنىشىغا ھەسسە قوشۇشىنىڭ مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، ئافغانىستاندىكى مۇقىملىقنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تىنچلىق بەرپا قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىمۇ ئاستانەنىڭ باشلامچى رول ئوينىيالايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر