قانال ئا تېلېۋىزيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىك دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى.

641156
قانال ئا تېلېۋىزيەسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2016 - يىلى ئاخىرلىشىپ، 2017 - يىلىنىڭ كىرىش ھارپىسىدا يەنى، 30 - دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ قانال ئا تېلېۋىزىيەسىدە ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئاڭلاتتى.

ئەركىن ئەمەت ئەپەندى، «خەۋەر سائىتى» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋولقان ئەپەندىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا بۇنچىلىۋالا بېسىم ئىشلىتىدۇ؟ دېگەن سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ، «1949 - يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە ئۆتكۈزىۋېلىنغاندا خىتاي نۇپۇسى 4 - 5 پىرسەنتلا ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي نۇپۇسى 50 پىرسەنتتىن ئاشتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ زېمىننى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈنلا بېسىم سىياسىتى يۈرگۈزمەكتە» دېدى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسېمىلاتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىمۇ چەكلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: «يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىسار ۋە كوناشەھەر ناھىيەلىرىدىلا «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» دېگەن باھانە بىلەن 3500 مەسچىت چېقىپ تاشلاندى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنى دىندىن ئۇزاقلاشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر» دېدى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ چەتئەللەردە كۈچلىنىۋاتقانلىقىنى، يېقىنقى 10 يىلدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئۇمۇمىي يىغىنلىرىدا مۇنازىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە باشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت قانال ئا تېلېۋىزيەسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋولقان ئەپەندىنىڭ «سىز تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىشىگە قانداق قارايسىز؟» دېگەن سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ: «تۈركىيە غەرىپكە قارشى كۇزىر سۈپىتىىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كېرىمىز دەۋاتىدۇ. بىراق كىرىش ئېھتىمالى يوق. ئەگەر تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسە، ئۇيغۇر دەۋاسىغا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق» دېگەن قارىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى باش كاتىپى ئاكادېمىك دوكتور ئەركىن ئەپەندى تۈركىيەدە داۋاملىق تۈردە دوكلات بېرىش يىغىنلىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا شۇنداقلا ھەر قايسى خەلقئارالىق ۋە يەرلىك تېلزۋىزىيە قاناللىرىدا ئۇيغۇر داۋىسىنى ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر