قېرىنداش ئەزەربەيجان قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈزىسىدىن تۈركىيەگە تەزىيە تېلەكلىرىنى يوللىدى
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيىېۋ شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ يىقىن – يورۇقلىرىغا ۋە پۈتۈن تۈركىيە خەلقىگە ئەزەربەيجان خەلقى نامىدىن تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيىېۋ قەيسەرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈزىسىدىن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.
ئىلھام ئالىيېۋ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا يوللىغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا، قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىدىن ئەزەربەيجاننىڭ چوڭقۇر ئازابلانغانلىقى بىلدۈردى.
تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ھەر دائىم قېرىنداش تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىلھام ئالىيىېۋ، ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئالىيىېۋ شېھىت بولغان ئەسكەرلەرنىڭ يىقىن – يورۇقلىرىغا ۋە پۈتۈن تۈركىيە خەلقىگە ئەزەربەيجان خەلقى نامىدىن تەزىيە تىلەكلىرىنى يەتكۈزدى.
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بولسا، مەنسەپدىشى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇغا تېلېفون قىلىپ تەزىيە تېلەكلىرىنى ئېيتتى.
ئامېرىكىنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ قەيسەرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا لەنەت ئوقۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىۋېيتسارىيەدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە
شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە تۈرك ھەپتىلىكى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمەكتە.