ئۇيغۇرلاردىن ب د ت غا چاقىرىق

جەنۋەدە تىبەتلەر بىلەن بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا چاقىرىقتا بولدى.

571963
ئۇيغۇرلاردىن ب د ت غا چاقىرىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتلەر بىلەن بىرلىكتە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇرلار ب د ت دىن ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەرلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىنىڭ كاپالەت ئاستىغا ئېلىنىشى ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىمقى نامايىشقا بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ياۋروپالىق تۈرك دېموكراتلار بىرلىكىمۇ قاتناشقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر