بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

خىتاينىڭ قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدىكى ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

561737
بىشكەكتىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلنى ئەلچىخانا تەۋەلىكىگە كىرىدىغان دەرۋازىغا ئۈسسۈتتى. ۋەقەدە، ئادەم بومبا ھۇجۇمچىسى ئۆلدى، ئەلچىخانىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى بىلەن بىر ئايال يارىلاندى.

پارتلاشتىن كېيىن، پايتەخت بىشكەكتىكى خىتاي ۋە ئامېرىكا ئەلچىخانىلىرىدىكى خىزمەتچى خادىملار تارقاقلاشتۇرۇلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر