سېزىژژارتو: «ياۋروپا تۈركىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم»

ھونگېرىيە تاشقى سودا ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سېزىژژارتو «تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت بولىدىغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇش، ياۋروپانىڭمۇ بىخەتەرلىكىگە تەھدىتتۇر» دېدى.

558017
سېزىژژارتو: «ياۋروپا تۈركىيەنىڭ تاشلىغان قەدەملىرىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم»

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھونگېرىيە تاشقى سودا ۋە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېتېر سېزىژژارتو تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك سايلاملار بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن جۇمھۇر رەئىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغانلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن تاشلىغان قەدەملىرىگە ھۆرمەت قىلىنىشى لازىملىقىنى ئېيتتى.

پېتېر سىېزىژژارتو ھونگېرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى «MTI» غا بەرگەن باياناتىدا، ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئىنتايىن جىددىي بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى، جاۋاپكارلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈنمۇ جىددىي قەدەملەرنى تاشلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان جاۋاپكارلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا قارىتا تاشقى تەنقىدلەر ئىنتايىن زىيانلىق. تۈركىيەنىڭ دېموكراتىك سايلاملار بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن جۇمھۇر رەئىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ دائىرىدە تاشلىغان قەدەملىرىگە ھۆرمەت قىلىش لازىم» دېدى.

پېتېر سىېزىژژارتو تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنىڭ ياۋروپا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىنى بۇزۇشنى قەست قىلغان ھەر قانداق ئۇرۇنۇش ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىق بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغان ھەر تۈرلۈك ئۇرۇنۇشلارغا قەتئىي قارشى چىقىش لازىم. دوست، قېيىن مەزگىلدە ئەسقاتقاندا دوستتۇر، بۇنداق ۋەزىيەتتە چوقۇم تۈركىيەنىڭ يېنىدا تۇرۇش لازىم. تۈركىيە بىلەن يالغۇز پاناھلانغۇچىلار مەسلىسى ئۈچۈن ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە دائېشقا قارشى كۈرەش مەسلىسى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتودىكى ھەمكارلىق نۇقتىسىدىنمۇ ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇھىم» دېدى.

پېتېر سېزىژژارتو ھونگېرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورگانلار ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن بۇلارنىڭ تۈركىيەنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت يەتكۈزىدىغان ياكى شۇنىڭدەك باشقا پائالىيەتلەردە بولغان ۋەياكى بولمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئەگەر شۇنداق ئەھۋال ئوتتۇرىغا چىققان تەقدىردە ھونگېرىيەنىڭمۇ ھەم ئۆزىنىڭ، ھەم تۈركىيە ۋە ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىنىڭ كاپالىتى ئۈچۈن كېرەكلىك قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر