ئۆزبېكىستان مەدەنىيىتىدىكى رۇس تەسىرىنى يوقىتىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا

يېڭى بىر مىللىي دۆلەت كىملىكىنى بەرپا قىلىشقا بەل باغلىغان ئۆزبېكلەر، مەدەنىيەتلىرىگە تەۋە مۇزىكىلارنىڭ پەقەت ئۆزبېك چالغۇلىرى بىلەن ئورۇندىلىشىنى قارار قىلدى.

543948
ئۆزبېكىستان مەدەنىيىتىدىكى رۇس تەسىرىنى يوقىتىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يېڭى بىر مىللىي دۆلەت كىملىكىنى بەرپا قىلىشقا بەل باغلىغان ئۆزبېكلەر، مەدەنىيەتلىرىگە تەۋە مۇزىكىلارنىڭ پەقەت ئۆزبېك چالغۇلىرى بىلەن ئورۇندىلىشىنى قارار قىلدى.

ئۆزبېكىستان 19 – ئەسىردىن كېيىن باشلىغان رۇسىيە تەسىرىنى يوقىتىش كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا؛ ‹ئەركىن ياۋروپا رادىيوسى› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزبېك ئەمەلدارلار، ئۆزبېك مۇزىكىلىرىنىڭ ‹تار› دەپ ئاتىلىدىغان سىملىق مۇزىكا چالغۇلىرى بىلەن ئورۇندىلىشىنى مەنئىي قىلدى.

ئالاقىدار ئەمەلدارلار، قارارنىڭ مىللىي كىملىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش دائىرىسىدە چىقىرىلغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۆزبېكىستان ھەربىي سەنئەت ئانسامبىلىمۇ بۇ خىل چالغۇلارنى ئىشلەتمەسلىكنى قارار قىلغانىدى.

تار، دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر چالغۇ ئىران، ئەزەربەيجان، گىرۇزىيە، ئەرمېنىيە ۋە قىسمەن تۈركىيەدە چېلىنىدىغان سىملىق بىر چالغۇ بولۇپ، ئۆزبېكىستاندا بۇ چالغۇ ئىران مەدەنىيىتىگە تەۋە، دەپ قارىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر