ئەردوغان: تۈركىيە ئاھىسكا تۈركلىرىنى ھەمىشە باغرىغا باسىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئاھىسكا تۈركلىرىنى ھەمىشە باغرىغا باسىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

508084
ئەردوغان: تۈركىيە ئاھىسكا تۈركلىرىنى ھەمىشە باغرىغا باسىدۇ
Erdoğan ABD iftar

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بوكس شاھى مۇھەممەد ئەلىنىڭ مېيت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېتىپ بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ئىپتار زىياپىتىگە ئىشتىراك قىلدى.

ئەردوغان زىياپەتتە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ ھەمىشە ئاھىسكا تۈركلىرىنى باغرىغا بېسىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئۇلارنى بومبىلارنىڭ ئاستىغا تاشلاپ قويۇشىمىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تۈركىيە ئاھىسكا تۈركلىرىدىن 1300 كىشىنى قوبۇل قىلدى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيە كېلىدىغان ئاھىسكا تۈركلىرى ئوخشىمىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر