قازاقىستاندا چوڭ قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

قولغا ئېلىش ھەرىكىتى قازاق سودا - سانائەتچى توختار تۇلېشكوۋنىڭ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىنكى بەرگەن باياناتلىرىغا بىنائەن  ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

505824
قازاقىستاندا چوڭ قولغا ئېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاندا بىر گۇرۇپ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار بىلەن ئەسكەرلەر ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشنى پىلانلىغان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئېلىندى.

رۇسىيەنىڭ ئىنتېرفاكىس خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا، سابىق مۇئاۋىن مۇپەتتىش، دۆلەت ئاساسىي قانۇنىي كېڭىشىنىڭ سابىق ئەزاسى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رايون مەسئۇلى بولغان 1 گېنېرال ۋە 2 قوماندانمۇ بار ئىكەن.

قولغا ئېلىش ھەرىكىتى قازاق سودا - سانائەتچى توختار تۇلېشكوۋنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشنى پىلانلىغانلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلنىپ قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن بەرگەن باياناتلىرىغا بىنائەن  ئېلىپ بېرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر