ئۈمىد سەپىرىدىن چىققان مۇۋەپپەقىيەت ئۇچقۇنى

ئۈمىد سەپىرىگە ئاتلانغان ئۇيغۇرلار يىراق قىرلاردا تونۇردىن مۇۋەپپەقىيەت ئۇچقۇنى چىقاردى.

457087
ئۈمىد سەپىرىدىن چىققان مۇۋەپپەقىيەت ئۇچقۇنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قەدىردان ئۇيغۇر خەلقى قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئۆزىنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ھەم ئەنئەنىسىنى ئىزچىل جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان تىرىشچان مىللەتتۇر. مەيلى بۇرۇنقى دەۋرلەردە بولسۇن، مەيلى ھازىرقى دەۋردە بولسۇن، ئۇيغۇرلار قەيەرگە بارمىسۇن تۈرلۈك قىيىن ئۆتكەللەر ۋە تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز جاپا – مۇشەققەتلەرگە قارىماي ئۈمىد ئارغامچىسىغا مەھكەم ئېسىلىپ، مىسلىسىز مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلاردىن بىرى ياپونىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار بۇ مۇۋەپپەقىيىتىنى خەلقىمىزگە مۇنداق جاكارلايدۇ: «يېگەنلەر دەرماندا، يېمىگەنلەر ئارماندا! ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار، نان بىزنىڭ داستىخانمىزدا كەم بۇلسا بولمايدىغان ئاساسلىق تائاملىرىمىزدۇر. ياپونىيەدىكى قىرىنداشلارنىڭ كۈچلۈك ئېھتىياجى ۋە تەلىپىنى ئويلشىپ، ئەنئەنىۋىي تونۇرلىرىمىزدا يېقىلغان مەززىلىك نانلىرىمىزنى بازارغا سالدۇق. مانا ئەمدى سىز ياپونىيەدە تۇرۇپمۇ بىزنىڭ قۇۋۋەتلىك، مەززىلىك نانلىرىمىزدىن بەھرىمەن بولالايسىز. بىز گۈزەل نىيەتلەر بىلەن يولغا چىقتۇق. سىزنىڭ دۇئالىرىڭىز بىزگە مەدەت بولغۇسى.» قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازىنىپ، خەلقىمىزگە شان - شەرەپ كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر