خىتاي: ئۆتكەن يىلى 1419 ئادەم «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» بىلەن شۇغۇللاندى

خىتاي باش سوتچىسى جۇ چياڭ، 2015 - يىلى 1419 ئادەمنىڭ تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك جىنايەتلىرىگە ئارىلىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

449762
خىتاي: ئۆتكەن يىلى 1419 ئادەم «تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىك» بىلەن شۇغۇللاندى
Uygur Bölgesi.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي باش سوتچىسى جۇ چياڭ، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى ئۆتكەن يىلى 1400 دىن ئارتۇق ئادەمنى تېررورىزم ۋە بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ سان 2014 – يىلى ئېلان قىلىنغان ساندىن ئىككى ھەسسە كۆپ ئىكەن.

خىتاي باش سوتچىسى جۇ چياڭنىڭ بۈگۈن (يەكشەنبە) ئېلان قىلىنغان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىللىق دوكلاتىدىكى سۆزلىرىگە قارىغاندا، خىتاي ئەدلىيە تارماقلىرى 2015 – يىلى «تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى» بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 1419 كىشى ئۈستىدىن سوت ئاچقان.

دوكلاتتا روشەن سېلىشتۇرما ئۇچۇرلىرىغا ئورۇن بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان ئوخشاش بىر دوكلاتتا، سوت مەھكىمىلىرىنىڭ 712 ئادەمنى «بۆلگۈنچىلىك ۋە تېرروررلۇق» پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، بۇ ساننىڭ بىر ئالدىنقى يىلغا سېلىشتۇرغاندا %13.3 ئېشىپ كەتكەنلىكى قەيت قىلىنغانىدى.

جۇ چياڭ، ئۆتكەن يىلى سوت مەھكىمىلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قىزىقتۇرغۇچىلار، باشلامچىلىق قىلغۇچىلار، تەشكىللىگۈچىلەر ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قاتنىشىپ، تېررورلۇق توغرىسىدىكى سۈرەتلىك ۋە ئاۋازلىق لىنتىلارنى تارقاتقۇچىلار» غا قارشى كۈچىنى زورايتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سوت مەھكىمىلىرىنىڭ بۇ يىل «دۆلەت بىخەتەرلىكى، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، تېررورچىلار ۋە بۆلگۈنچىلەرنى قاتتىق جازالاش قانۇنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىجرا قىلىدىغانلىقى» سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

دوكلاتتا، ئەيىبلەنگۈچىلەرنىڭ مىللەت تەۋەلىكى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىلمىگەن بولسىمۇ، كۈزەتكۈچىلەر بۇ خىل ئەيىبلەشلەرنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر