ئىككىنچى تغۈركۈمدىكى ئاھىسكا تۈركلىرى تۈركىيەگە كەلدى

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇنىڭ رەھبەرلىكىدە تۈركىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئاھىسكا تۈركلىرى ئەرزىنجانغا يېتىپ كەلدى.

444198
ئىككىنچى تغۈركۈمدىكى ئاھىسكا تۈركلىرى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2015 – يىلى 25 – دېكابىر كۈنى ئۇكرائىنادىن ئەرزىنجان ۋىلايىتىنىڭ ئۈزۈملۈ ناھىيەسىگە كەلتۈرۈلگەن 439 كىشىلىك 116 ئائىلىدىن تەشكىل تاپقان تۇنجى كارۋاندىن كېيىن، 177 كىشىدىن تەشكىل تاپقان 35 ئائىلە كارۋىنى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ھاركوۋدىن تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن، 1944 – يىلدىن بېرى سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەتەن ھەسرىتى ئاخىرلاشقان بولدى. ئۇكرائىنادىكى ئاھىسكا تۈركلىرى رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلاردا زىيانغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۈركىيە ھەرىكەتكە ئۆتكەن، شۇنىڭ بىلەن، بۇ قېرىنداشلارغا ۋەتەن يولى ئېچىلغانىدى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 677 ئائىلە تۈركىيەگە يەرلەشتۈرۈلىدىكەن، جۈملىدىن ئەرزىنجان ۋىلايىتىنىڭ ئۈزۈملۈك ناھىيەسىدىن سىرت يەنە، بىتلىسمۇ بۇ قېرىنداشلارنى باغرىغا باسىدىكەن.

ئاھىسكا تۈركلىرى 1944 – يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن تەرىپىدىن يۈك پويىزلىرى ئارقىلىق ئۆز يۇرتىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنىپ، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانغا يەرلەشتۈرۈلگەنىدى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان تارىخىي ھۆججەتلەردە، ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشىنىڭ ستالىننىڭ قارادېڭىز ساھىللىرىنى تۈركلەردىن تازىلاش پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ئايان بولغانىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئېچىنىشلىق سۈرگۈن جەريانىدا ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى يوللاردا قازا قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر