داڭلىق تۈرك چولپاننىڭ ئۇيغۇر سۆيگۈسى

داڭلىق تۈرك چولپان ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈسى ۋە ئۇيغۇر ئېلىغا قىلغان زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك تەسراتلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىچىدە بايان قىلماقتا.

442801
داڭلىق تۈرك چولپاننىڭ ئۇيغۇر سۆيگۈسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى (TRT) نىڭ فىلىم ئىشلىگۈچىسى ۋە مەشھۇر سەنئەتچى بۈنيامىن ئاكسۇنگۇر ئەپەندى بۇلتۇر ئۇيغۇر ئېلىنى ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن، ئىستانبۇل قاتارلىق شەھەرلەردە مەخسۇس يىغىنلارنى چاقىرىپ ۋە پىروگراممىلارنى ئويۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بسىم – چەكلىمىلەر ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان چىن سۆيگۈسىنى زىيارىتى جەريانىدا ھاسىل قىلغان تەسىراتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىزھار قىلماقتا.

ئۇ بۇ قېتىم تەسىراتلىرىنى تۈرك جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى سامسۇن شۆبىسىنىڭ ئويۇشتۇرۇشى بىلەن 27- فېۋرال تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان سامسۇن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا بايان قىلغان ھەمدە ئۇيغۇرلارغا بولغان سۆيگۈسىنى ئۇيغۇر مۇزىكىسىنى ئۇرۇنداش ئارقىلىق ئىزھار قىلغان.

ئاكسۇنگۇر ئەپەندى ئىلگىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بسىم – چەكلىمىلەرنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېس – تۇيغۇلىرىنى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق بايان قىلغان، زىيارىتى جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولغانلىقى، مەشھۇر ئالىم ۋە ئەدىبلەرنىڭ قەبرىلىنى يوقلىغانلىقى قاتارلىق تەسىراتلىرىنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر