باي ناھىيەسىدىن غايەت زور بايلىق تېپىلدى

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىدىن كەم ئۇچرايدىغان غايەت زور تەبىئىي بايلىق تېپىلدى.

441931
باي ناھىيەسىدىن غايەت زور بايلىق تېپىلدى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي گېئولوگىيە تېخنىكا خادىملىرىنىڭ 3 يىلغا يېقىن تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان باي ناھىيەسىدىن كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان غايەت زور قىممەتلىك مېتال تەنتالۇم-نىيوبىيۇم (tantalum-niobium ores) كان ياتمىسى بايقالغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، نيوبىيۇم زاپىسى 100 مىڭ توننىدىن، تەنتالۇم زاپىسى 10 مىڭ توننىدىن ئاشىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا، يەنە گافنىي قاتارلىق ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان قىممەتلىك مېتاللارمۇ بار ئىكەن.

خىتاي گىئولوگىيە-تېخنىكا مەركىزى كان بايلىقلىرى تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي دەرىجىلىك ئىنژېنېر شۈ خەيمىڭ (徐海明) نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھازىرغىچە بايقىغان، ئىشلەتكىلى بولىدىغان نىيوبىيۇم زاپىسى ئاران 80 مىڭ توننا ئىكەن، باي ناھىيەسىدىن تېپىلغان تەنتالۇم-نىيوبىيۇم زاپىسىنىڭ مىقدارى خىتاي تەكشۈرۈپ چىققان ئومۇمىي نىيۇبىيۇم زاپاس مىقدارىدىن ئارتۇق ھەمدە ئالاھىدە زور كۆلەم دەرىجىسىگە يەتكەن بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى 130 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كان ياتمىسى باي ناھىيەسىنىڭ 47 كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بوزۇغۇر تاغلىق رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3860 مېتىردىن 4100 مېتىرغىچە كېلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر