مۇۋەپپەقىيەت ئاسمىنىدا چاقنىغان ئۇيغۇر چولپان

مۇۋەپپەقىيەت ئاسمىنىدا چاقنىغان ئۇيغۇر چولپان شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، كونا يېزىق ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىدىكى «شىۋېتچە -ئۇيغۇرچە لۇغەت» تۇزۇپ چىقتى.

434028
مۇۋەپپەقىيەت ئاسمىنىدا چاقنىغان ئۇيغۇر چولپان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان پەن – تېخنىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقىمىزنى غايەت زور خۇشاللىق تەنتەنىسىگە چۆمدۈرمەكتە. ئەنە شۇلاردىن بىرى، تۇرمۇشتا ئۇچراش ئېھتىمالى زور بولغان 10000 غا يېقىن سوز-ئىبارە ۋە بىر قىسىم جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان «شىۋېتچە -ئۇيغۇرچە لۇغەت» نى تۈزۈپ چىققان ئۇيغۇر چولپان زۇلھاياتتۇر.

چولپىنىمىز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۆزىنىڭ لۇغەتنى تۈزۈپ چىقىش مەقسىتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن كونا يېزىق ۋە ئۇيغۇر كومپيۇتېر يېزىقىدىكى «شىۋېتچە -ئۇيغۇرچە لۇغەت» تۈزۈپ چىقىلدى. لۇغەت تۇرمۇشتا ئۇچراش ئېھتىمالى زور بولغان 10000 غا يېقىن سوز-ئىبارە ۋە بىر قىسىم جۈملىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، شىۋېتسىيەگە ماكانلىشىش ۋە خىزمەت جەريانىدا سىزگە ياردەمچى بولۇپ قالغۇسى. ھەر بىرىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قوغداش، ئاسراش ۋە تارقىتىش مەجبۇرىيىتىمىز بار، شۇ ۋەجىدىن ئوز تىلىمىزدا تۈزۈلگەن بۇ لۇغەتنىڭ كىتاب ئىشكابىڭىزدىن ئورۇن ئېلىشىنى خالىسىڭىز، 22 – فېۋرال كۈنىدىكى لۇغەت تارقىتىش پائالىيىتىنى قاچۇرماڭ. بۇ ئۇچۇرنى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان دوستلارنىڭ ئۈندىداردا ۋە Facebook تا ئۆزئارا تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

چولپىنىمىزغا ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇۋەپپەقىيەت ئاسمىنىدا چاقنىغۇسى قانچىلىغان چولپانلىرىمىزغا زور مۇۋەپپەقىيەت، بەخت – ئامەت تىلەيمىز. خەلقىمىزگە ئۈمىد چىرىغىنى ياندۇرغۇسى تالانت ئىگىلىرىنىڭ تېخىمۇ كوپ يېتىشىپ چىقىشىغا تىلەكداشمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر