ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە 5 ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلدى
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگرا لىنىيەسىدە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلدى.
431553
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چېگرا لىنىيەسىگە ئوغرىلىقچە كىرىشكە ئۇرۇنغان ئەرمېنىيە چارلاش ئەترەتلىرى بىلەن ئەزەربەيجان قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 5 ئەرمېنىيە ئەسكىرى ئۆلگەن، ئەزەربەيجان تەرەپتىن ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.