«رۇسىيە مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشىدىن ھېساب بېرىشى كېرەك»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە قوشۇن ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

428114
«رۇسىيە مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشىدىن ھېساب بېرىشى كېرەك»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «رۇسىيە ئالدى بىلەن سۈرىيەدە مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشىدىن ھېساب بېرىشى كېرەك» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سېنېگالدا پىرېزىدېنت ماكىي سال بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى ھەمدە بىر مۇخبىرنىڭ رۇسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە قوشۇن ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: «رۇسىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيەگە كۈلۈپ قويىمەن، خالاس. رۇسىيە ئالدى بىلەن سۈرىيەدە مەسۇم ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش قىلمىشىدىن ھېساب بېرىشى كېرەك. دەرۋەقە رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئۆلتۈرگەن ئىنسانلارنىڭ سانى 400 مىڭغا يەتتى. نۆۋەتتە رۇسىيە سۈرىيە زېمىنىدا ئىشغال ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقتا.»

رۇسىيە بىلەن سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ بولسا ئۇرۇش قۇربانلىرىنى مېھمان قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان ئەنقەرەنىڭ كۆچمەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ خىزمەت ئىشلەۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى ھەمدە سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان يىمىرىلگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر، نۆۋەتتە باشقا تەشكىلاتلارمۇ سۈرىيەنى بۆلۈشۈۋالغان. تۈركىيەگە كەلسەك، تۈركىيە نۆۋەتتە تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. بىزنىڭ سۈرىيە بىلەن 911 كىلومېتىرلىق چېگرا لىنىيەمىز بار، رۇسىيەنىڭ چېگرا لىنىيەسى بارمۇ؟ رۇسلارنىڭ سۈرىيەدە نېمە ئىشى بار؟»

ئەردوغان ئىستانبۇلدا بۇ يىل چاقىرىلىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنى توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېدى: «ئالدى بىلەن بۇ يىغىندا ئىسلام دۈشمەنلىكى، ئىسلام دۆلەتلىرىنى پارچىلاش، بۆلۈش ھەرىكەتلىرىگە قارشى مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. دائېش، پ ك ك ۋە بوكو ھارام قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى مۇھىم قارارلارنىڭ ئېلىنىشى شەرت دەپ قارايمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر