ياۋروپا كېڭىشى قىرىمغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىدۇ

بۇ قېتىم بارىدىغان ھەيئەت قىرىمدا كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى، تۈرمىلەرنىڭ شارائىتى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۈستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

424795
ياۋروپا كېڭىشى قىرىمغا تەكشۈرۈش ھەيئىتى ئەۋەتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى باش كاتىپى توربجورن جاگلاند قىرىم خەلقىنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
جاگلاند ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ قىشلىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، قىرىم خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قىرىمغا بىر ھەيئەت ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
قىرىمدا ياشاۋاتقان 2 يېرىم مىليون كىشىنىڭ ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ كاپالىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن جاگلاند «قىرىم خەلقىنىڭ بۇ ئەھدىنامىدا ئورۇن ئالغان ھەق -ھوقۇقلىرى قوغدىلىنىشى لازىم» دەپ ئالاھىدە ئاگاھلاندۈرۈشتا بولدى.
جاگلاند ھېچبىر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە قىرىمغا بارمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىم بارىدىغان ھەيئەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، ئاخبارات ئەركىنلىكى، ئاز سانلىقلارنىڭ ھەق – ھوقۇقى، تۈرمىلەرنىڭ شارائىتى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۈستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
جاگلاند ھەيئەتكە شىۋېتسارىيەلىك دىپلومات گېرارد سىتۇدماننىڭ باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىدىغانلىقىنى ۋە ھەيئەت تەييارلايدىغان دوكلاتنىڭ ئەڭ كېچىككەندە مارت ئېيىدا كېڭەشكە سۇنۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىنىڭ قىشلىق ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى 29 – يانۋار جۈمە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. يىغىننىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرى تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، پاناھلانغۇچىلار كىرىزىسى ۋە تەشكىللىك جىنايەتلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
ياۋروپا كېڭىشى يىغىنىغا تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىدىن 18 كىشى قاتناشتى. تۈرك تىلىمۇ ياۋروپا كېڭىشى يىغىنىنىڭ مۇلازىمەت تىلى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنت ئەزالىرى مەجلىسىدىكى تۈرك پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سانىنى 12 دىن 18 گە چىقىرىشقا ئالاقىدار دوكلات ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قارار تەكلىپى ئالدىنقى يىلى 21 – ۋە 22 – مايدا سارايىۋودا ئۆتكۈزۈلگەن دائىمىي كومىتېت يىغىنىدا تەستىقلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر