يەنە بىر تۈرك ئالىم خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى

نوبېل مۇكاپاتىدىن قالسىلا ئەڭ ئىناۋەتلىك مۇكاپاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ‹پىسخىك ئانالىز› تۈرى بويىچە بېرىلىدىغان ‹مارى سىگورنى مۇكاپاتى› بۇ يىل پىروفېسسور دوكتور ۋامىك ۋولقانغا بېرىلدى.

422998
يەنە بىر تۈرك ئالىم خەلقئارالىق مۇكاپاتقا ئېرىشتى
14) Türk biliminsanı ödül

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك پەن – تەتقىقاتچى ۋامىك ۋولقان دۆلەتلەر بىلەن مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان پىسخىك ئانالىز پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ساھەسىگە قوشقان تۆھپلىرى يۈزىسىدىن مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى.

ۋامىك ۋولقان 1989 – يىلىدىن بۇيان ھەر يىلى تارقىتىلىپ كېلىۋاتقان مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلگەن تۇنجى تۈرك پەن – تەتقىقاتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇ يىل 83 ياشقا كىرگەن ۋامىك ۋولقان نۆۋەتتە خەلقئارا دىيالوگ تەشەببۇسكارلىرى ۋەقپىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر