ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىشىش يولىدىكى تۇنجى قەدىمىنى تاشلىدى

رۇسىيە قاتارلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىن ئامېرىكىغا بېرىپ پاناھلانغان ئاھىسكا تۈركلىرى بىر بايراق ئاستىدا بىرلىشىشنىڭ دەسلەپكى قەدىمىنى تاشلىدى.

155550
ئاھىسكا تۈركلىرى بىرلىشىش يولىدىكى تۇنجى قەدىمىنى تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى ئاھىسكا تۈركلىرى يىغىن چاقىرىپ، ئامېرىكىدىكى بارلىق ئاھىسكالىقلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان چوڭ بىر تەشكىلات قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ نىيۇ جېرسى ئىشتاتىدا ئۆزئارا ئۇچراشقان ئاھىسكا تۈركلىرىنىڭ جامائەت ئەربابلىرى، قۇرغۇچىلار ھەيئىتىنى تەشكىللەپ چىقتى ۋە 2015 – يىلى سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلىۋەتتى. ئامېرىكىنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىشتاتلىرىدا ياشايدىغان ئاھىسكا تۈركلىرىنى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلىرىدە جەمئىيەتلەرنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەيئەتنىڭ ۋەزىپىلىرى ئارىسىدا سېنتەبىر ئېيىغىچە ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە كۆپ جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بۇ مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغان كىشىلەرگە يول كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش قاتارلىقلارمۇ بار.

ئاھىسكا رايونىدىكى ئاھىسكا شەھىرى باشتا بولۇپ، شەھەرگە قاراشلىق 5 ناھىيەدىكى 200 ئەتراپىدا يېزىدىن 100 مىڭدەك ئادەم 1944 – يىلى 14 – نويابىردا سوۋىت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنغانىدى. رۇسىيەنىڭ جەنۇبىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاھىسكالىقلارغا ئۇزۇن يىللار بويىچە ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى بېرىلمىگەندىن كېيىن 2003 – يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارار ماقۇللاپ، 15 مىڭ ئاھىسكا تۈركىگە كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بېرىپ، دۆلىتىگە قوبۇل قىلغانىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدا 20 مىڭ ئەتراپىدا ئاھىسكا تۈركى ياشىماقتا.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر