ئۇيغۇر رايونىدا 400 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى

جۇڭگو ھۆكۈمىتى، 23 – مايدىن تارتىپ باشلىغان ھەرىكەتلىرىدە«تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن 400 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى.

125649
ئۇيغۇر رايونىدا 400 دىن ئارتۇق ئادەم قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر رايونىدا «تېررورلۇق» ۋىدېئولىرىنى كۆرۈش ۋە چۈشۈرۈش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىگەن 32 ئادەمنى ئوخشىمىغان قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلدى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىنقى ۋاقىتلاردا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئۈچ ئادەم مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. باشقا 29 ئادەمنىڭ تۆت يىللىقتىن 15 يىللىق ئارىسىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئېلان قىلىندى.
جۇڭگو ھۆكۈمىتى، 23 – مايدىن بۇيان باشلىغان ھەرىكەتلىرىدە «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن 400 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتقۇن قىلدى.
كىشىلىك ھوقۇق ۋەكىللىرى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ خاتىرجەمسىزلىكنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
ئۇيغۇرلار، تەبىئىي بايلىق زاپىسى مول ۋە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئېچىلغان دەرۋازىسى بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ باشقا رايونلاردىكىگە قارىغاندا ئارقىدا قالدۇرۇلغانلىقىدىن شىكايەتچى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر