تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ

تۈركىيە ئەزەربەيجان بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ.

126286
تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ


ئىككى دۆلەت بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك يىغىنىدىن كېيىن يېڭى ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.
ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەشىر ئاتالاي بىلەن ئەزەربەيجان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئابىد شەرىفوۋ قاتناشتى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بەشىر ئاتالاي، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى سودا – ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالدى.
بەشىر ئاتالاي، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئورتاق سودا ئومۇمى سوممىسىنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەشىر ئاتالاي بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيىتىنى ئەپۇ قىلىشنى يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
بەشىر ئاتالاي 7 – نۆۋەتلىك بىرلەشمە ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقلارنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر پۇرسەت بولىغانلىقىنى بىلدۈردى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر