تارىختىكى بۈگۈن 29.11.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 29 - نويابىر  يەكشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1536221
تارىختىكى بۈگۈن 29.11.2020

تارىختىكى بۈگۈن 29.11.2020

1947 – يىلى 29 نويابىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەرەبلەرنىڭ بارلىق نارازىلىقىغا قارىماستىن، پەلەستىننى پارچىلاش ۋە مۇستەقىل بىر ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلىشىنى قارار قىلغان ئىدى. بۇ قارار بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىشىنى بولۇپ قالغان ئىدى.

 

1981 – يىلى 29 – نويابىردا، ئامېرىكا كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ ئاتاقلىقچولپانلىرىدىن ناتالى ۋۇد سىرلىق بىر پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسىدە  قازا قىلغان ئىدى. ئۇزۇن يىللارغىچە داۋاملاشقان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ساقچىلار ئۇنىڭ يولدىشى روبېرت ۋاگنېرنىڭ ۋۇدنىڭ ئۆلۈمىدە «گۇماندار» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

2016 – يىلى 29 – نويابىردا، بىرازىلىيە پۇتبول كوماندىسى «Chapecoense» نى كولۇمبىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان جەنۇبىي ئامېرىكا لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىغا ئېلىپ ماڭغان ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەت ئىدى. ۋەقەدە ئايروپىلاندىكى 81 كىشىنىڭ 76 نەپىرى قازا قىلغان، پەقەت 3 پۇتبولچىلا ھايات قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر