تارىختىكى بۈگۈن: 28 – نويابىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1535807
تارىختىكى بۈگۈن: 28 – نويابىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 28 – نويابىر، شەنبە.

  • 1938 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان تۈركىيەنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى جۇمھۇر رەئىسى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ شەخسىي ۋەسىياتنامىسى ئېچىلدى. ئاتاتۈركنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدە، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىغا، تۈرك تىل ۋە تۈرك تارىخ تەتقىقات ئورنىغا ماددىي ياردەم بېرىش شەرتى بىلەن بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىگە قالدۇردى.

  • 1943 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى روزۋېلىت، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن، تېھران باشلىقلار يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولدى. ئۇدا 3 كۈن داۋاملاشقان باشلىقلار يىغىنىدا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىتتىپاقداشلار ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان پىكىر ئوخشىماسلىقلىرى مۇئەييەنلەشتى.

  • 1979 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، رىم پاپاسى  ۋە ۋاتىكان دۆلەت رەئىسى 2 - جون پاۋل، تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە زىيارەتتە بولدى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ پايتەختنى ئەنقەرەنى زىيارەت قىلغان تۇنجى پاپا بولۇپ قالدى. ئارىدىن 27 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى ئوخشاش كۈندە، رىم پاپاسى بېنېدىك XVI،  جۇمھۇر رەئىس ئەھمەت نەجدەت سەزەرنىڭ رەسمىي مېھمىنى سۈپىتىدە تۈركىيەدە زىيارەتتە بولدى.

  • 2002 – يىلى، بۈگۈنكى كۈندە، تۈرك شېئىرىيىتىنىڭ ئاتاقلىق ئۇستازى، «غېرىب» ئېقىمىنىڭ يول باشچىلىرىدىن مەلىھ جەۋدەت ئانداي، 87 يېشىدا ئىستانبۇلدا ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر