تارىختىكى بۈگۈن:23-نويابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...
يىل 1942، 23-نويابىر...
مىشېل كۇرتىز (Michael Curtiz) رېژسسورلۇق قىلغان، خامفرېي بوگارت (Humphrey Bogart) بىلەن ئىنگرىد بېرگمان (Ingrid Bergman) باش رول ئالغان «كاسابلانكا» فىلىمى ئەڭ دەسلەپتە نىيۇ يوركتا قويۇلدى.
1946-يىلى 23-نويابىر، فىرانسىيە بىلەن ۋىيېتنام ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى. فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسى شىمالىي ۋىيېتنامنىڭ خاي فوڭ (Hai Phong) شەھىرىنى توپقا تۇتتى. بومباردىماندا 6 مىڭ ۋىيېتناملىق جېنىدىن ئايرىلدى.
1980-يىلى 23-نويابىر، ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاۋېللىنو (Avellino) ۋە باسىلىكاتې (Basilicate) رايونلىرىدا 6.9 بال يەر تەۋرىدى. ناپولى (Napoli) شەھىرىگە تەسىر قىلغان يەر تەۋرەشتە 3 مىڭدىن ئارتۇق كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 7 مىڭ 700 كىشى يارىلاندى ۋە 250 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۆيلىرىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...