تارىختىكى بۈگۈن 02.11.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 2 - نويابىر دۈشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1520181
تارىختىكى بۈگۈن 02.11.2020

 

تارىختىكى بۈگۈن

ياۋۇز ۋە مىدىلى قاتارلىق ئۇرۇش پاراخوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسى 29 - ئۆكتەبىردە سېۋاستوپولنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، 1914 – يىلى 2 – نويابىردا، روسىيە چار پادىشاھلىقى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىمۇ گېرمانىيە ۋە ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئىدى.

                                       

1950 – يىلى 2 – نويابىردا، نوبېل مۇكاپاتىغا ئىگە يازغۇچى ۋە ئوبزورچى جورج بېرنارد شاۋ 94 يېشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.

 

2000 – يىلى 2 – نويابىردا، 15 يىلغىچە دۇنيا چېمپىيونى بولغان گارى كاسپاروۋ دۇنيا شاھمات لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىدە يۇرتدىشى ۋىلادىمىر كرامنىكقا ئۇتتۇرۇپ قويغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر