تارىختىكى بۈگۈن: 29 – ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1518098
تارىختىكى بۈگۈن: 29 – ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 29 – ئۆكتەبىر پەيشەنبە.

  • 1923 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تارىخىي بىر ئولتۇرۇش ئارقىلىق «ئازادلىق ئۇرۇشى» دىن كېيىن يېڭى قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ «جۇمھۇرىيەت» بولىدىغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىدى. ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈش  ئارقىلىق «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» قۇرۇلدى. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇنجى جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلاندى.

  • 1929 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيا تۇنجى قېتىم يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىس بىلەن تونۇشتى. نىيۇ يورك پاي چېكى بازىرىدىكى پاي چەكلىرى پۈتۈنلەي قىممىتىنى يوقاتتى. شۇنىڭ بىلەن، نىيۇ يورك پاي چېكى بازىرى ۋەيران بولدى. ئارقىدىنلا، ئاۋۋال ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا، ئاندىن ياۋروپا ئەللىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن «دۇنياۋى ئىقتىسادىي كىرىزىس» دەۋرى باشلاندى.

  • 2013 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، مارماراي سەپەرلىرى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى، تۇنجى سەپەر ئۈسكۈداردىن يەنىكاپىغا ئىشقا ئاشۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر