تارىختىكى بۈگۈن: 20 – ئۆكتەبىر

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1512251
تارىختىكى بۈگۈن: 20 – ئۆكتەبىر

بۈگۈن 2020 – يىلى، 20 – ئۆكتەبىر، سەيشەنبە.

  • 1827 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى گىرېتسىيەگە مۇستەقىللىق بەرمىگەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە رۇسىيە، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ ناۋارىن پورتىدىكى دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇجۇمدا ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوتلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولدى.

  • 1921 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، «ساكاريا زەپىرى» دىن كېيىن تۈركىيەدىن چېكىنىشنى قارارلاشتۇرغان فىرانسىيە بىلەن تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئوتتۇرىسىدا «ئەنقەرە شەرتنامىسى» ئىمزالاندى. شەرتنامىگە ئاساسەن، خاتايدىن باشقا تۈركىيەنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى جەنۇبىي قىسمىنىڭ چېگراسى بەلگىلەندى.

  • 2011 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 1969 – يىلدىن تارتىپ 2011 – يىلغىچە لىۋىيەنى باشقۇرغان مۇئەممەر قەززافى سىرتە شەھىرىدە ئىسيانچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر