تارىختىكى بۈگۈن 26.08.2020
بۈگۈن 2020 – يىلى 26 – ئاۋغۇست - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.
1071 – يىلى 26 - ئاۋغۇستتا، سۇلتان ئالپارسلاننىڭ قوماندانلىقىدىكى سەلجۇقىي ئارمىيەسى، مالازگېرت ئۇرۇشىدا رىم دىئوگېنېسنىڭ قوماندانلىقىدىكى ۋىزانتىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ زەپەر ئانادولۇنىڭ دەرۋازىسىنىڭ تۈركلەرگە ئېچىلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.
1972 – يىلى 26 - ئاۋغۇستتا، ت ر ت ميۇنخېن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا تۇنجى خەلقئارالىق بىۋاسىتە ئۇلاپ تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ميۇنخېن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11 ئىسرائىلىيەلىك تەنھەرىكەتچىنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئامېرىكىلىق سۇ ئۈزۈش ماھىرى مارك سىپتىزنىڭ 7 ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى بىلەن ئەس – خاتىرىلەردىن ئورۇن ئالدى.
1922 - يىلى 26 - ئاۋغۇستتا، تۈركىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىغان «چوڭ ھۇجۇم» باشلاندى. باش قوماندان مۇستاپا كامال پاشانىڭ قوماندانلىقىدىكى تۈركىيە ئارمىيەسى «ئۆتكىلى بولمايدۇ» دەپ ئاتالغان گىرېتسىيە مۇداپىئەسىنى 15 كۈن ئىچىدە يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، 9 - سېنتەبىردە ئىزمىرغا يېتىپ باردى.
1974 – يىلى 26- ئاۋغۇستتا، ئاتلانتىك ئوكياندىن ئايروپىلان بىلەن ئۆتكەن تۇنجى ئۇچقۇچى چارلىز لىندبېرگ 72 ياشىدا ۋاپات بولغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تارىختىكى بۈگۈن: 31 – دېكابىر
ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...