تارىختىكى بۈگۈن: 20– ئاۋغۇست

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىز ھۇزۇرۇڭلاردا...

1476063
تارىختىكى بۈگۈن: 20– ئاۋغۇست

بۈگۈن 2020 – يىلى، 20 – ئاۋغۇست، پەيشەنبە.

  • 636 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىقىدىكى ئەرەب ئارمىيەسى، ۋىزانتىيە قوشۇنىنى «يەرمۇك ئۇرۇشى» دا مەغلۇب قىلدى. ئۇرۇشتىن كېيىن سۈرىيە ۋە پەلەستىننىڭ كونتروللۇقى ئىسلام دۆلىتىگە ئۆتتى.

1940 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىستانبۇلدىمۇ بىر مەزگىل  تۇرغان سوۋېت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن                                               لېئون تروتسكىي، سۈرگۈندىكى مېكسىكادا، ستالىننىڭ جاسۇسى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.

1968 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، چېخوسلوۋاكىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ۋارشاۋا شەرتنامىسىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئالېكساندىر دۇبچېك ۋە باشقا چېخ رەھبەرلەر قولغا ئېلىندى. سوۋېت تانكىلىرى پىراگا كوچىلىرىدا خەلقنىڭ تىركىشىشىگە دۇچ كەلدى.

2017 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكالىق داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى جېررىي لېۋىس، 91 يېشىدا لاس ۋېگاستىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر