تارىختىكى بۈگۈن: 19– ئاۋغۇست

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1475622
تارىختىكى بۈگۈن: 19– ئاۋغۇست
  • يىل 1915، 19– ئاۋغۇست...
  • تۈرك ئەدەبىيات دۇنياسىدىكى داڭلىق شائىر تەۋپىق فىكرەت 48 يېشىدا ئىستانبۇل رۇمئەلى ھېساردىكى ئۆيىدە ئالەمدىن ئۆتتى. ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەن ئوخشاش كۈندە شائىرنىڭ ئاشىيان ئۆيى مۇزېيغا ئايلاندۇرۇلۇپ خەلققە ئېچىۋېتىلدى.
  • 1946-يىلى 19-ئاۋغۇست خىتايدا جياڭ جېيشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ بىلەن ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىستلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلاندى ۋە 1949-يىلىغا كەلگەندە كوممۇنىستلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.
  • 1953-يىلى 19-ئاۋغۇست ئىراندا سايلام بىلەن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن باش مىنىستىر مۇھەممەت مۇساددىق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن شاھ تەرەپدارى ھەربىي ئوفىتسېرلار قوزغىغان ھەربىي ئۆزگىرىشتە ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلدى.
  • 1991-يىلى 19-ئاۋغۇست سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كوممۇنىزمنى قوللايدىغان گېنېراللار ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىدى. دۆلەت سېكرىتارى مىخائىل گورباچېۋنىڭ ھوقۇقىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بىراق، گورباچېۋ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە ۋەزىپىسىگە قايتىپ كەلگەنلىكىنى جاكارلىدى.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر