تارىختىكى بۈگۈن: 12.08.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 12 – ئاۋغۇست - چارشەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1471450
تارىختىكى بۈگۈن: 12.08.2020

1964 – يىلى 12 – ئاۋغۇستتا قىبرىستا رىملارنىڭ تۈركلەرگە قاراتقان قوراللىق ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتىپ، گىرېتسىيە بىلەن بىرلىشىش چاقىرىقلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن كېيىن تۈركىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى قىبرىس ئاسمىنىدا پەس ئۈچتى ۋە ئۇچۇش ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئاخىرلاشتۇرۇلدى. خەۋپسىزلىك كېڭىشى، تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا تەڭپوڭ رايون شەكىللەندۈرۈشىگە قارار قىلدى.

 

1964 – يىلى 12 – ئاۋغۇستتا ئەسەرلىرى ئارقىلىق داڭلىق جاسۇس «جېيمىس بوند» پېرسوناژىنى پۈتكۈل دۇنياغا تونۇتقان ئەنگلىيەلىك يازغۇچى لازار ئىئان فلېمىڭ 56 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

 

■ 2000 – يىلى 12 – ئاۋغۇستتا رۇسىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى «كۇرسك» بارېنت دېڭىزىدا چۆكۈپ كەتتى. 118 ماتروسقا قەبرە بولغان سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ، ئىناۋەت مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن سۇ مىنالىرىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە غەرق بولۇپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر