تارىختىكى بۈگۈن: 25.07.2020

بۈگۈن 2020 – يىلى 25 – ئىيۇل - شەنبە، تۆۋەندە ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1461653
تارىختىكى بۈگۈن: 25.07.2020

1518 – يىلى 25 – ئىيۇلدا ئوسمانلى پادىشاھى ياۋۇز سۇلتان سەلىم مىسىرغا قاراتقان يۈرۈشىدىن دەل ئىككى يىل ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن پايتەخت ئىستانبۇلغا قايتىپ كەلدى. ئوسمانلى تارىخىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ھەربىي يۈرۈشى بولغان مىسىر ھەربىي يۈرۈشى نەتىجىسىدە  ئىمپېرىيەنىڭ چېگرالىرى ئىككى ھەسسىدىن كۆپ كېڭەيدى.

 

■ 1967 – يىلى 25 – ئىيۇلدا پاپا تۆتىنچى پاۋلۇس غەيرىي رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلدى. جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت سۇناي ۋە باش مىنىستىر سۈلەيمان دەمىرەل تەرىپىدىن كۈتۈۋېلىنغان پاپانىڭ، فەنەر رىم پاترېگى ئاتېنېگوراسنى يوقلىشى، 913 يىللىق كاتولىك – ئورتودوكس چېركاۋلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سوغۇقچىلىققا خاتىمە بەردى.

 

■ 1975 – يىلى 25 – ئىيۇلدا تۈركىيە ئىنجىرلىكتىن باشقا بارلىق ئامېرىكا بازىلىرىنى تاقىۋەتتى. بۇ قارار، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىگە قورال ۋە قەرز ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈشىگە قارشى چقىرىلدى. تۈركىيە، ئامېرىكا 6 – ئۆكتەبىردە ئېمبارگولىرىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن بازىلارنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قايتىدىن يول قويدى.

 

■ 2016 – يىلى 25 – ئىيۇلدا ئوسمانلى – تۈرك تارىخىغا دائىر تەتقىقاتلىرى بىلەن دۇنياغا داڭق چىقارغان تارىخچى پىروفېسسور دوكتور خالىل ئىنالجىك 100 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئەسەرلىرى نۇرغۇن چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنالجىك، «تارىخچىلارنىڭ قۇتۇبى» دەپ ئاتالماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر