تارىختىكى بۈگۈن: 28 – مارت

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1386670
تارىختىكى بۈگۈن: 28 – مارت

بۈگۈن 2020 – يىلى، 28 – مارت، شەنبە. پايتە

1939 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا پايتەخت مادرىد گېنېرال فرانكو كۈچلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇدا 3 يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى، ھەمدە دۆلەتتە تاكى 1975  - يىلغىچە داۋاملىشىدىغان فرانكو دىكتاتورلۇق ھاكىمىيىتى باشلاندى.

1965 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئالاباما ئىشتاتىدا مارتىن لۇسېر كىڭ رەھبەرلىكىدىكى 25 مىڭ كىشى «پۇقرالار ھوقۇقى» ۋە «ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش» ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى.

1970 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا ۋىلايىتىنىڭ گەدىز  ناھىيەسىدە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 1086 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، تەخمىنەن 10 مىڭ بىنا ۋەيران بولدى.

1991 – يىلى بۈگۈنكى كۈندە،  ئىراقنىڭ كەركۈك ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئالتىنكۆپرۈ يېزىسىدا تۈركمەنلەرگە قارشى «ئالتىنكۆپرۈ قەتلىئامى» يۈز بەردى. بالىلار نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 دىن ئارتۇق تۈركمەن ساددام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر